UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئوچېرك

ئوچېرك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئېپىك ژانىرلارنىڭ بىرى، ئۇ، ۋەقە، ھادىسىلەرنى، تۇرمۇش پاكىتلىرىنى ۋە كونكرېت كىشلەر پائالىيىتىنى ئەينەن تەسۋىرلەش بىلەن، باشقا ئېپىك ژانىرلار ( مەسىلەن: پوۋېست، ھېكايە ) دىن پەرق قىلىدۇ. يازغۇچى پوۋېست ياكى ھېكايە يازغاندا، بەدىئىي توقۇلمىلاردىن كەڭ پايدىلىنىدۇ. ھاياتتا ئەينەن سادىر بولمىغان ھادىسىلەرنى ئويلاپ چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىجابىي توقۇلما ئوبرازلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، ياكى ھايات، بار بولغان شەيئىلەر پروتوتىپىدىن پايدىلىنىپ ئوبراز يارىتىدۇ. ئۇچېركتا بولسا، ئۇنداق ئەمەس. ئوچېرك يازغۇچىسى ۋەقە _ ھادىسىلەرنى، پاكىتلارنى، كىشى ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتىنى، مىجەز _ خۇلقىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تاللىۋالىدۇ، ئۇلارنى ئەينەن ساقلاپ قالىدۇ. شۇ مەنىدە ئوچېرك « ھۈججەتلىك ئەدەبىيات » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوچېرك مەتبۇئاتتىكى ئادەتتىكى خەۋەرلەردىن ئۆزىنىڭ بەدىئىيلىكى بىلەن، ۋەقەلىكنى ئوبرازلاشتۇرۇش ۋە مەنزىرىلەرنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈش سەنئىتى بىلەن ئايرىپ تۇرىدۇ. ئۇچېركتا قەھرىماننىڭ پورترېتى، مەنىۋى قىياپىتى، پىسخولوگىك خاراكتېرىستىكى بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا پېشقەدەم يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ « ئەخمەتجان قاسىمى » ( خاتىرە ) ناملىق ئوچېركى ۋە ياش يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ « ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر » ناملىق كىتابى ياخشى مىسال بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات