UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئېفمىزىم

ئېفمىزىم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يونانچە eu - ياخشى phmi - گەپ قىلىمەن سۆزىدىن تۈزۈلگەن توغرىدىن توغرا ئېيتىشقا بولمايدىغان ياكى بىۋاستە ئېيتىش بىئەب، قولايسىز بولغان سۆزلەرنى سېلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش ياكى دېمەكچى بولغان سۆزنى ئەينەن ئېيتماي، شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىش - ھەرىكەتنى ئېيتىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغان ئىش - ھەرىكەتنى ئېيتىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مەقسەتنى ئىپادىلەش مېفىزىم دېيىلىدۇ. مەسىلەن: 1. "تۇغماق" سۆزى ئورنىغا "يەڭگىلمەك، كۆز يۇرىماق" دېگەندەك سۆزلەرنى، "ئۆلمەك" دىگەن سۆز ئورنىغا "ۋاپات بولماق، ئالەمدىن ئۆتمەك، تۈگەپ كەتمەك، قۇربان بولماق"...قاتارلىق سۆزلەرنى قوللانغاندا ئوخشاش. 2. ... ئۇنىڭ يۈرىكى ئۇرۇشتىن مەڭگۈ توختىدى، .... ئۇ ئەمدى بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى . (گېزىت سۆزى) 3. كۈرەشچان بالىلار، قوغلىشىپ يىللار، كۈرەش نەۋرىلىرىنى چۇقۇم تاپىدۇ. ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار، قەبرىنى يادلاپ گۈللەرياپىدۇ. يۇقىرىدىكى مىساللارد ئاستىغا سىزىلغان سۆزلەردە "ئۆلۈم" سۆزى بىۋاستە تىلغا ئېلىنماستىن، پەرقلىق ھالدا مۇۋاپىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. دېمەك، ئېفمىزىم يېزىقچىلىقتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات