UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەدىئىي ئوبراز

بەدىئىي ئوبراز

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تار مەنىدە ئەدەبىياتنىڭ پەقەت رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى پەۋقۇلئادە شەكلى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ يازغۇچىنىڭ ئېستېتىك غايىسىگە ئاساسەن پېرسۇناژ، ۋەقە، مەنزىرە ۋە شارائىت قاتارلىقلارنى ئەسەردە ئومۇملاشتۇرۇپ گەۋدىلەندۈرۈگەن كىشىلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىدۇر. ئەدەبىي ئەسەردە تۈپ ئىدىيە ۋە مۇددىئا، غايە ۋە ئىرادە كونكرېت بەدىئىي ئوبرازغا سىڭدۈرۋېتىلىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىيات _ سەنئەتنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى، ئوبرازغا سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە يالىڭاچ شوئار، ۋەز _ نەسىھەتلەردىن كۆپ دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدۇ. مۇبادا ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوبراز بولمىسا، ئۇ كۈچسىز، تەمسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر ھېسابلانمايدۇ. بەدىئىي ئوبراز يارىتىشتا رەسساملارغا بوياق، سىزىقلار، ھەيكەلتىراشقا موم ۋە خېمىر، مۇزىكانتقا ئاھاڭ ۋە رىتىم، ئۇنىڭ بارماقلىرى قاچىلىك مۇھىم بولسا، يازغۇچى، شائىر ئۈچۈن ئوبراز يارىتىشتا تىل سەنئىتى شۇ قەدەر مۇھىم رول ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
بەدىئىي ئوبراز | UyghurWiki | UyghurWiki