پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت لۇشيەنى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي پارتىيىسىنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلىنىپ بېكىتكەن بىر قاتار نەزەرىيە، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرى.
مەملىكىتىمىزنىڭ پرولېتارىياتلىق ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت لۇشىيەنىنىڭ شەكىللىنىشىدە يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ تۆھپىسى بار، ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش؛ قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن، چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش؛ كونىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، يېڭىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش فاڭجېنىنى، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتى، پرولېتارىياتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىنى يارىتىش قاتارلىقلار پرولېتارىيات ئەدەبىيات - سەنئەت لۇشيەنىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى.
بەلگىلىك دۇنيا قاراش بەلگىلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىي. پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ئەدەبىيات سەنئەت لۇشيەنىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىي كوممۇنىستىك دۇنيا قاراشتىن ئىبارەت.