UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمۇرەببە

مۇرەببە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە تۆت بۇرجەك سۆزىدىن كلاسسىك شېئىرىيەتتە كۆپ قوللىنىلغان تۈرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەكىل ھازىرقى شېرىيەتتىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. «مۇرەببە» دە ھەربىر بەند (كۇپلېت) تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. دەسلەپكى كۇپلېتىنىڭ تۆت مىسراسى بىر خىلدا قاپىيىلىنىپ كېلىدۇ _ دە، قاپىيە سخېمىسى «ئا. ئا. ئا. ئا» شەكلىدە، كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئۈچ مىسراسى بىر خىلدا قاپىيىلىنىپ، پەقەت تۆتىنچى مىسراسىلا بىرىنچى كۇپلېتتىكى مىسرالارغا قاپىيىداش بولىدۇ. مۇنداق شەكىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ بار. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كەلتۈرۈلگەن تۆتلۈكلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇرەببە شەكلىگە ئىگە. بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ ھەربىر كۇپلېتى بىرلا خىل ئا. ئا. ئا. ئا؛ ب. ب. ب. ب؛ د. د. د. د قاپىيە شەكلىدە تۈزۈلۈشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: ن. بوساقوۋ «ئالغا باس» ناملىق شېئىرىنى مۇنداق شەكىلدە يازغان: ئانا ۋەتەن زېمىنىنى تازىلاشقا ماڭ، چىقسۇن بىزدىن جەسۇرانە غەيرەتلىك داڭ. گۈزەل ۋەتەن ئۈستىنى قاپلىمىسۇن چاڭ، ھەممىمىزدە كۈچلەنسۇن ئىنقىلابىي ئاڭ! قوللارغا قورال ئېلىپ ئۇدۇل چىنەپ ئات، ئالغا بېسىپ قورقماستىن دۈشمەننى يوقات. دوست بولمايدۇ بىزلەرگە زالىم، قانخور، يات، دائىم يوللا، ئۇلارغا زەربىدىن سوۋغات. («گۈدۈك» شېئىرلار توپلىمىدىن) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مۇرەببەنىڭ كۆپلىگەن خىللىرى بارلىققا كەلدى. تۆت مىسرادىن تەركىب تاپقان بۇ شېئىر شەكلىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى مىسرالىرى بىلەن تۆتىنچى مىسراسى قاپىيىداش (ئۈچىنچى مىسراسى ئوچۇق)، ياكى ئىككىنچى مىسراسى بىلەن تۆتىنچى مىسراسى قاپىيىداش كېلىدۇ. مۇنداق شېئىرلارنىڭ مىسرالىرى يەتتە بوغۇمدىن تاكى 14 - 16 بوغۇمغىچە تۈزۈلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: سەيلە قىلدىم باغ ئارا، ئىشتىن يېنىپ ئاخشامدا. خۇشاللىقىم جاراڭلار، جۇشقۇنلىغان ناخشامدا.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات