بەھرى مۇقتەزىب
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مۇقتەزىبنىڭ لۇغەت مەنىسى <دەرھال توقۇش، ئېغىزغا ئەپلىشىپ بېرىش، راۋان> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ كۆپرەك ئىشلىتىدىغان بىر خىلى <بەھرى مۇقتەزىب مۇسەممەن مەتۋى> (سەككىزگە قاتلىشىدىغان راۋان بەھرى). يەنى تىلغا ئەپلىشىپ بېرىدىغان ۋە ئىككىنچى بۆلىكى سەككىزلىك بولۇپ كېلىدىغان بەھرى. ئۇنىڭدا مىسرالارنىڭ بىرىنچى بۆلىكى يەتتە بوغۇم (بىرىنچى تۇراق ئۈچ بوغۇم. ئىككىنچى تۇراق تۆت بوغۇم) ئىككىنچى بۆلىكى سەككىز بوغۇم (ھەر ئىككى تۇراق تۆت بوغۇمدىن) بولۇپ، جەمئىي 15 بوغۇمدىن تەركىب تاپىدۇ.
مىسال:
تاغمۇ تاغ / لاردىن ئېگىز / ئايغىر بۇلاق / نىڭ / تاغلىرى،
ئۈستىنى / دە / قار ياتا / دۇر ئاستىنىدا باغلىرى. (خەلق قوشىقى)
بۇنىڭ سخېمىسى مۇنداق:
پائىلات - مۇپتەئىلۇن - مۇپتەئىلۇن - مۇپتەئىلۇن.