UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتۈگۈن

تۈگۈن

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بەدىئىي ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. مەسىلەن: يازغۇچى جاۋ شۇلى يازغان <لى يۈيسەينىڭ قوشاقلىرى> ناملىق ھېكايىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىنى، يەنى <لى يۈيسەينىڭ گەمىسىدىكى سۆھبەت> دېگەن ماۋۇ بۇ ھېكايىدىكى توقۇنۇشنىڭ تۈگۈنىدۇر. بۇنىڭدا يەنجاسۇننىڭ كونا كەنت باشلىقى يەن جافۇ ئەمەلدىن بوشىتىلىپ يېڭىدىن كەنت باشلىقى سايلانغانلىقى، لى يۈيسەي بىلەن شياۋفۇ، شياۋيۇەن، شياۋشۇن، شياۋفۇلارنىڭ <ئىشنى توغرىلاش> ئارقىلىق ئۆز ئادەملىرىدىن كەنت باشلىقى سايلىماقچى بولغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن توقۇنۇش ۋە كۈرەش باشلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات