ئوبراز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئوبراز ئادەتتە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ، بىرى، كەڭ مەنىدىكى ئوبراز، يەنە بىرى تار مەنىدىكى ئوبراز.
كەڭ مەنىدىن ئېتيقاندا، ھەر قانداق سۆز ۋە نۇتۇق ۋە ماقالىلەردە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە تىل ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مەقسەتنى ئوبرازلىق كۆرسىتىپ بېرىشكە قارىتىلغان. بۇ كۆپىنچە ئوخشىتىش بىلەن بارلىققا كېلىدۇ، مەسىلەن: « بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس _ بەستە سايراش فاڭجېنىنى ئەمەلگە قويۇش ماركىسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، ئەكسىچە، بۇنداق ئورنىنى كۈچەيتىدۇ.» بۇ جۈملىدىكى ئوخشىتىشلار ( ئاستىغا سىزىلغان سۆز گۇرۇپپىسى ) دېمەكچى بولغان مەقسەتنى جانلىق ھەم كونكرېتلاشتۇرۇپ كىشلەر كۆز ئالدىدا ئېنىق مەنزىرىنى ھاسل قىلىدۇ ۋە كىشلەر كۆڭلىدە ئىلىم _ سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش « ئېچىلىش _ سايراش » لازىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇرىدۇ. يەنە مەسىلەن: « ئەدەبىيات _ سەنئەت پۈتۈن ئىنقىلاب ماشىنىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان چشلىق چاقى ۋە ۋېنتىسى » دېگەن بۇ جۈملىدىكى ئوخشىتىشلار بىزدە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلىدۇ. بۇ جۈملىنى ئوقۇغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا مەلۇم ئوبراز ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ كەڭ مەندىكى ئوبرازلىق تىل بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بەدىئىي ئوبراز بىلەن ئوخشىمايدۇ.