چاچما شېئىر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان شېئىر تۈرى. ئۇنىڭدا مىسرالاردىكى بوغۇملار سانىغا، ئۇرغۇلۇق، ياكى ئۇرغۇسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى رىتىمغا، ئىنتوناتىسىيگە تولا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇندا شېئىردا ۋەقەنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قاراپ رىتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.، قىسقىسى، بۇ خىل شېئىر شەكلىدە قاپىيە بولغان تەقدىردىمۇ، ۋەزىنىلىك شېئىر شەكىللىرىدىكىدەك تەكشى بولمايدۇ.
مەسىلەن:
كۆڭلىمىز بېغىغا سۆگەت تىكىپ،
بارڭلىق ياسىدۇق .
چۆنەك چېپىپ،
چۆرىسىگە تىكەن توساپ،
گۈللەر تېرىدۇق.
گۈللەرنى، سۆگىتىمىزنى،
باراڭلىق، چىرايلىق قىلىپ
ئۆستۈرمەكچىمىز.
زاۋۇتتىن، خاڭدىن
ھېرىپ يانغان ئىشچىلارنى،
ئېتىزدىن، خاماندىن
پىشىپ يانغان دېھقانلارنى،
بېغىمىزغا ئەكىرىپ،
مەيدىسىگە گۈللەر قىسىپ،
شۇ يەردە ئوينىتىپ،
شۇ باراڭدا،
كۈلدۈرمەكچىمىز.
( ئۆمەر مۇھەممىدى )