UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىيات - سەنئەتشۇناسلىق

ئەدەبىيات - سەنئەتشۇناسلىق

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ھەر خىل ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى ۋە ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈردىغان پەن. ئۇ <ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتشۇناسلىق ئىجتىمائىي پەننىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت تارىخى، ئەدەبىيات - سەنئەت تارىخىي تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ تەرەپ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ ۋە بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ. مەسىلەن: ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەمەلىيىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەيدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئەدەبىيات - سەنئەت تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى ۋە كونكرېت ئەسەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتتىن ئايرىلالمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەدەبىيات - سەنئەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىدۇ ھەمدە ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدىنىڭ نەتىجىلىىرنى ئاساس قىلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدى بولسا ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىنىڭ پرىنسىپلىرىنى قوللىنىپ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىدۇ. ماركىسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەتشۇناسلىق، پرولېتارىيات دۇنيا قارشى ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى شەرھلەپ، پرولېتارىيات ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتىگە، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىلىمدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات