قەھرىمان پېرسوناژ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەردە ئۆز سىنىپىنىڭ سىياسىي، ئەخلاقىي غايىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى، ئارزۇ - ئارمانى ۋە تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان بەدىئىي ئوبراز، ئاپتورنىڭ كۈيلەيدىغان ۋە مەدھىيىلەيدىغان ئوبيېكتى، شۇنداقلا ئاپتور تەرىپىدىن كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۈلگە. ھەر قانداق بىر دەۋردە، ھەر خىل سىنىپلارنىڭ ئۆز قەھرىمان پېرسوناژلىرى بولىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ قەھرىمان پېرسوناژلىرى ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى پرولېتارىياتنىڭ مۇنەۋۋەر پېرسوناژلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى ھېسابلىنىدۇ. خەلق ئاممىسى تارىخنى ئىلگىرىلەتكۈچى ئۇلۇغ كۈچ، پرولېتارىياتنىڭ قەھرىمان پېرسوناژلىرى خەلق ئىچىدىكى بىر ئەزا سۈپىتىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرىرىگە قاتنىشىدۇ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش تۇمۇشى ئاساسىدا يارىتىلىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ قەھرىمان پېرسوناژلىرىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، خاراكتېرى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئىدىيىۋى ئېڭى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلىتىنى ئىپادىلەپ بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ جانلىق، ھەقىقىي ئادەملىك ئىدىيىۋى ھېسسىاتىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا قەھرىمان پېرسوناژلاردا يەنىمۇ زور چاقىرىق كۈچى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان ھالدا زورمۇزور كۆككە كۆتۈرۈلگەن ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان قەھرىمان پېرسوناژلارنى سۈنئىي ياساپ چىقىش ئۇسۇلى ئىنتايىن خاتا.