UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتقارا يۇمور ھېكايىلىرى

قارا يۇمور ھېكايىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 20 _ ئەسىرنىڭ 60 _ يىللىرىدا ئامېرىكىدا يېزىلغان ھېكايە شەكىللىردىن بىرى ۋە ئامېرىكا ھېكايىچىلىقىدىكى ۋەكىللىككە ئىگە ئەدەبىي ئېقىم ئىجادىيىتى. بۇ ئاتالغۇ فرىدمان تۈزگەن « قارا يۇمور » ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى تەپەيلىدىن سىڭىپ قالغان. بۇنداق ھېكايىلەردە ھەمىشە « قەھرىمانلىققا قارشى » پېرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلىدۇ، پېرسۇناژلار ئەتراپىدىكى دۇنيانىڭ تېتىقسىزلىقى، جەمئىيەتنىڭ شەخسلەرنى ئېزىۋاتقانلىقى گەۋدىلىك تەسۋىرلىنىپ، مۇھىت بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىىسىدىكى كېلىشەلمەسچىلىكلەر مەسخىرە قىلىش پوزىتىسىيىسىدە تۇرۇپ ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئاشۇ خىل ھالەتلەر چوڭايتىلىپ، ئەگىتىلىپ، شەكلى ئۆزگەرتىلىپ يەنىمۇ بىمەنە، كۈلكىلىك قىلىنىپ ئىجتىمائىي رېئاللىققا دارىتمىلىنىدۇ ھەم ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئىپادىلىنىدۇ. تەسۋىرىي ۋاستىلەر جەھەتتە، ھېكايە ۋەقەلىكىدە مەنتىقىلىق باغلىنىش كەم بولۇپ، رېئال تۇرمۇشنى بايان قىلىش بىلەن فانتازىيە، ئەسلىمە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ. ئەستايىدىل پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن پەن _ تىخنىكا قىستۇرۇلۇپ ئېلىشتۇرۇۋېتىلىدۇ. قارا يۇمور ھېكايىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، 60 _ يىللاردىكى ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەكس ئېتىلىشى بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات