ئەدەبىيات ئىنقىلابى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
1919 - يىلى <4 - ماي> ھەرىكىتى ئەدەبىيات ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. <4 - ماي> ھەرىكىتى يالغۇز جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيىتىدىكى يېڭى ئىدىيىنىڭمۇ باشلىنىشى بولدى. ئۇ، فېئوداللىق ئەدەبىياتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەدەبىيات - سەنئەتتە رېئالىزمنى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى، خەلق تۇرمۇشىنى خەلق تىلى بىلەن يېزىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.