UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتفوتو ھېكايىلىرى

فوتو ھېكايىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئارتىست رول ئالدىغان، ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىغا ئاساسەن سۈرەت تارتىلىپ كومپوزىتىسىيىسى تەشكىللىنىدىغان، ئاندىن يېزىق ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بېرىلىدىغان ھېكايىنىڭ بىر تۈرى. فوتو ھېكايىلەر مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 _ يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن، كېيىنچە ئىتالىيىدە پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللشكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپادا تەرەققىي قىلىپ بىر خىل يېڭى ئەدەبىي ژانىر سۈپىتىدە ئومۇملاشقان. يېقىندىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسىدا كەڭ تارقالماقتا. فوتو ھېكايىلەر پېرسۇناژلار ھالىتىنىڭ چىنلىقى، ئوبرازلارنىڭ تەسىرلىكلىكى ۋە سەھنىلەردىكىدەك ۋاقىت، بوشلۇقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى، كۆرۈنۈشلەرنى جانلىق، بىمالال قانات يايدۇرغىلى بولىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات