ئەبجەد
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە)
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى دەسلەپكى تۆت ھەرپ: (ئا)، ب، ج، د. ئۆتمۈشتىكى كونا مەكتەپلەردە بوغۇملارنى قوشۇپ ئوقۇش - <ئەبجەد ئوقۇش> بىلەن باشلانغان. ئېلىپبەنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بالىلار ئەبجەدخان دەپ ئاتىلاتتى. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەر سەككىز گۇرۇھقا ئايرىلىپ، ھەر بىر گۇرۇھ مەخسۇس توقۇلما نام بىلەن، يەنى: ئەبجەد، ھۇۋەز، ھۇتتى، كەلەمەن، سەئپەس، قەرشەت، سەخخەز، زەززەغ سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇ سەككىز سۆز ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن بۇ ھەرپلەر (تاۋۇشلار) بىرىكمىسى سۆز شەكلىدە بولسىمۇ، ھېچقانداق مۇستەقىل مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ.