UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمۇساۋىيات تەرەپەين

مۇساۋىيات تەرەپەين

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تۆت تەرەپلىك، تۆت تەرىپى ئوخشاش قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە. ئۇنى يەنە سەدرى، تىكسىر دەپمۇ ئاتايدۇ. سەدرى ئەرەبچە «كىرىشتۈرمەك» دېگەن مەنىنى، تىكسىر «توقۇلغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ شەكىل شائىرنىڭ زېھنىنى سىنايدىغان، ماھارىتىنى ئىمتىھان قىلىدىغان مۇئەممالىق شېئىر شەكلى بولۇپ، ئەسلىدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ جايلىشىشى، يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇشلىرىنى ھېساب قىلىشتا، كالىندارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەشتە قوللىنىلىدىغان شەكىل بولغان. بۇرۇنقى چاغلاردا قەلىمى پىشقان، پىكرى كامالەتكە يەتكەن سۆز ئۇستىلىرى يەنە تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم ۋە باشقا ئىلىملاردىنمۇ خەۋەردار ئىدى. ئۇلار «مۇساۋىيات تەرەپەين» نى تەبىئىي پەن ساھەسىدىن بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى شېئىرىيەت بىلەن تەبىئىي پەننى يېقىنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى بولۇپ، شۇ چاغلاردا بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلغان بولسىمۇ، بارا - بارا ئومۇملىشىشتىن چەتتە قالدى. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نەمۇنىلەرنىڭ ئازلىقى ۋە ھازىرمۇ بۇ شەكىلدىن پايدىلىنىشنىڭ يوق دېيەرلىك ھالىتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، شېئىر پەقەت بىرلا كۇپلېت، بىر كۇپلېتتىكى ھەربىر مىسرادا تۆتتىن تۇراق بولىدۇ. ھەربىر تۇراق مۇقىم مەنىلىك سۆز گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ھەربىر مىسرادىكى ھەربىر بۆلەكنى ئوڭدىن سولغا، سولدىن ئوڭغا، ئېگىزدىن پەسكە، ياكى پەستىن ئېگىزگە ئوقۇغاندىمۇ، ھەتتا قايچا شەكلىگە سېلىپ ئۆتۈشتۈرۈپ ئوقۇسىمۇ مەنە پۈتۈنلۈكىنى، رىتىمىنى، ئاھاڭىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. مىسال ئۈچۈن «فىگۇرا ياكى ئىستىلىستىك فىگۇرا» ئىزاھىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات