UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمودېرنىزم

مودېرنىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (فرانسوزچە moderni زامانىۋى سۆزىدىن) 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىرانسىيە بۇرژۇئا ئەبىياتىدا پەيدا بولغان ئېقىم. بۇ ئېقىم مەزمۇنسىز سەنئەتنى تەرغىب قىلىدۇ. مودېرنىزم ئەدەبىياتى خېلى ئۇزاق تارىخىي مەزگىلدە ئوخشىمىغان مەملىكەتلەردە، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ئەللەردە شەكىللەنگەن خىلمۇخىل ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئورتاق نامى. بىز غەرب ئەدەبىيات - سەنئىتىگە، جۈملىدىن مودېرنىزم ئەدەبىيات - سەنئىتىگە تامامەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتمايمىز، بۇ ساھەدە ئوۋنېر، كاۋكا، پاۋلو بىيكاسۇ قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزىمنىڭ قاراڭغۇچىلىقىنى، ئۇنىڭ قۇتۇلغۇسىز كېسەللىكلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە پاش قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. مۇدېرنىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش ئارزۇسى، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوپېراتسىيە قىلىشتەك ئىپادە قىلىش، شەكىل، ماھارەت قاتارلىق تەرەپلىرىدىن تەنقىدىي پايدىلىنىشنى رەت قىلمايمىز.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
مودېرنىزم | UyghurWiki | UyghurWiki