سىمۋول
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە symbylon قەدىمكى گرېكلاردا مەخپىي بىر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بىر - بىرىنى تونۇۋېلىشى ئۈچۈن قوللانغان شەرتلىك بەلگىسى _ رەمزى )
مەجاز تۈلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۇرمۇشتىكى بىرەر ۋەقە ياكى چۈشەنچە ھەمدە پرېدمېتىلار (نەرسىلەر) ئىپادىسى ئۈچۈن شەرتلىك ھالدا كۆچمە مەنىدە قوللىنىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى. مەسىلەن :كەپتەر _ تىنچلىق سمۋولى، تاڭ _ يورۇقلۇق، ئىستىقبال سىمۋولى، تۈن _ بەختسىزلىك، ھالاكەت سىمۋولى.
مەلۇم ۋەقەنىڭ ئاساسىي ماھىيىتى ۋە غايىسىنى بەلگىلىگۈچى خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىدە يارقىن مۇجەسسەملەشتۈگەن بەدىئى ئوبرازغان نىسبەتەنمۇ سىمۋول سۆزى قوللىنىلىدۇ. مەسلەن: «ئاق چاچلىق قىز» كىنو فىلىمدىكى ئاق چاچلىق قىز ئوبرازى ئۆتمۈشتىكى كەمبەغەللەرنىڭ ئەمگەكچانلىقىنىڭ، جاپالىق تۇرمۇشىنىڭ ۋە پارتىيىنى سۆيىدىغان روھىنىڭ سمۋولى. ئارمىيە بولسا خەلق ئازادلىقىنىڭ سىمۋولى.