خاتىرە (خاتىرە دەپتەر)
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىرەر كىشىنىڭ ئۆز ھاياتى ۋە تۇرمۇش ۋەقەلىرى ھەققىدىكى كۈندىلىك خاتىرە يازمىلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خاتىرە دەپتىرى بەدىئى ئەسەرنىڭ ئەدەبىي شەكلىمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يازغۇچى ئۆزى ئىشتىراك قىلغان تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرى، ئىچكى كەچۈرۈملىرى، پىكىر - مۇلاھىزىلىرىدىن يارقىن سەھىپە بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە خاتىرە دەپتەر قەھرىمانلىرىنىنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتىلىرى ۋە خاتىرىلىرىنى ئۆز تىلىدىن ھېكايە قىلغۇچى بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە ناماين بولىدۇ. مەسىلەن: كورولىنكونىڭ <خاتىرىلەر> دېگەن نەسىرى 1880 - 1900 - يىللار مابەينىدىكى كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان. لېرمونتوۋنىڭ <زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى> دېگەن ئەسىرىدىمۇ كۈندىلىك خاتىرىلەر چوڭ رول ئوينىغان.