قىسسە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلغان تارىخىي، ئەپسانىۋى بەدىئىي ئەسەرلەر (ھېكايە، رىۋايەت، ئەپسانە، ۋە باشقىلار). ئېپىك ژانىرلاردىن بولغان پوۋېسمۇ بەزىدە قىسسە دەپ ئاتىلدۇ. مەسىلەن: رۇس يازغۇچىسى بورس پولىۋوينىڭ «چىن ئىنسان ھەققىدە قىسسە» ناملىق پوۋېستىغا ئوخشاش. خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللازەيدىن ھەققىدە قىسسە»، سەمەت دۇگايلىنىڭ «كىچىك لەقۋا» ئەسەرلىرى ياخشى پوۋېستلاردۇر