بېغىشلاش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شائىرنىڭ ئۆز ئەسىرى بېشىدا ئۇنى كىمگە ئاتىغىنىنى ياكى قانداق ۋەقە شەرىپىگە بېغىشلىغانلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان شېئىرى، لىرىك كىرىش - دىباچە (رۇسچىدا پرولوگ دەپ ئاتىلىدۇ).
لۇتپۇللا مۇتەللىپ <مۇھەببەت ھەم نەپرەت> دېگەن داستانىدا مۇنداق بېغىشلىما يازىدۇ:
ئەلەمگە نەپرەت ئوقۇدۇم،"
مۇھەببەتتىن ئېلىپ ئىلھامنى.
ئالتە يىلىڭغا شېئىر توقۇدۇم،
قوبۇل قىل بۇ سوۋغامنى.
بۇ كۆپلىگەن شائىرلار تەرىپىدىن قەدىمدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۇسۇل.
بۇ خىل بېغىشلاش قەدىمكى گرېك ئەدەبىياتىدا (پرولوگوس) بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇنداق ئەنئەنە باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىمۇ قوللىنىلغان. مەسىلەن: رۇس شائىرى پۇشكىن ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئەسىرىدە بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان. رۇسلار بۇ سۆزنى <پرولوگ> دەپ ئاتايدۇ. بىزدە 50 - يىللاردا <پرولوگ> دەپ قوللىنىلغانىدى.