UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەمگەك قوشاقلىرى

ئەمگەك قوشاقلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خەلق تەرىپىدىن ئەمگەكنى سۆيۈش ۋە ئەمگەك پائالىيىتى، ئەمگەك كۆز قارىشى توغرىسىدىكى قوشاقلا. ئەمگەك قوشاقلىرى ئەڭ بۇرۇنقى زامانلاردىلا ئىجاد قىلىنغان. ئۇ بارلىق قوشاقلارنىڭ باشلىنىشى بولغان. 11 - ئەسىردە يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بىر قىسىم ئەمگەك قوشاقلىرى بېرىلگەن. كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئەمگەك ھەققىدە كۆپلىگەن قوشاقلار ئىجاد قىلىنغان. مەسىلەن: قىزىل گۈلۈم قات - قات ئاچىل، ياڭزااڭنى كۆرسەت. يىگىت بولساڭ كەتمەن تۇتۇپ، بىڭسىڭنى كۆرسەت. كەلمەستە ساي تاشقىنى، چىڭداپ ئېتەيلى توسمىنى. تاشقىن ئەكەتسە توسمىنى، نەگە قويارسىز ئوسمىنى؟ ئورما ئورىسەن كۈندە، تالمامدۇ بىلەكلەرىڭ؟ مەن يادىڭغا يەتكەندە، كۆيمەمدۇ يۈرەكلەرىڭ؟
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات