نەزىرە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئۆتكەن، ياكى زامانداش شائىرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىتىپ يېزىلغان ياكى جاۋاب تەرىقىسىدەئىجاد قىلىنغان يېڭى شېئىر. نەزىرە _ شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدا ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە. بۇ شەكىلدە تىل سەنئەتكارىنىڭ ئىجادىيەت ئىستېداتى روشەن بولىدۇ، ناۋايىنىڭ «خەمسە» سى مۇشۇنداق ئىجادىيەتنىڭ بۈيۈك نەمۇنىسى ئىدى.
«نەشىرە» گە يېڭى زامان خەنزۇ شېئىرىيىتىدىن بىر مىسال كەلتۈرەيلى؛
ئۆتتى تاڭ ۋەسلىنى كۆرمەي بۇ ئىلىم تۈن ئىلكىدە،
جىن ۋە شەيتانلار ئەسىرلەپ ئۆتتى ئىشرەت بەزمىدە.
باش قوشۇپ بەش يى خەلق جەم بولمىغان بىر مەركىدە.
(ماۋ زېدۇڭ)
جۇڭگونىڭ ئاتاقلق جامائەت ئەربابى ۋە شائىرى ليۇ يازى ئەپەندىگە قىلنغان بۇ نەزىرە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ قەلىمى ئاستىدا يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولغان.
نەزىرە تەقلىدچىلىك ئەمەس. تەقىلدچىلىك ئەدەبىيات ھادىسىلىرى جەريانىدىكى سەلبىي ھادىسىدۇر. تەقلىدچىلىك فېئودال ساراي ئەدەبىياتى چۈشۈرۈلگەن دەۋردە ئەۋج ئالغان دورامچىلىق ھادىسىسى ئىدى.