تىياتىر ئەدەبىياتى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىياتنىڭ بىر چوڭ تۈرى. ئۇ سەھنىدە ئوينىلىدىغان تىياتىر سەنئىتىگە ئاساس بولغۇچى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
تىياتىر ئەدەبىياتىنىڭ پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەھنە سۆزى، يەنى دىئالوگ، مونولوگ، يادىما سۆز، ناخشا تېكىستلىرىدىن ئىبارەت. خۇددى گوركى ئېيتقاندەك: <دراما پېرسوناژلىرىنىڭ يارىتىلىشى، پەقەت ئۇلارنىڭ سەھنە سۆزىگە تايىنىش ئارقىلىق، يەنى، بايان تىلى ئارقىلىق ئەمەس ساپ ئېغىز تىلى ئارقىلىق بولىدۇ.> (<پىيېسسە توغرىسىدا>) شۇنىڭ ئۈچۈن پېرسوناژلارنىڭ تىلىنىڭ تولۇق خاسلاشتۇرۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
توقۇنۇش (كونفلېكىت) تىياتىر ئەەبىياتىنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. تىياتىر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى زىددىيەت توقۇنۇشلارنى ئاساسىي ۋەقەلىك يىپ ئۇچى قىلىدۇ. زىددىيەت، توقۇنۇش جەريانىنىڭ راۋاجى تىياتىر ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي سۇژېت قۇرۇلمىسى بولىدۇ. داراماتىك توقۇنۇشنى روشەن، گەۋدىلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشتىكى ئەڭ تىپىك زىددىيەت، كۈرەش ۋە ئىشلارنى تاللاشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
تىياتىر ئەدەبىياتى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ناھايىتى نۇرغۇن ژانىرلارنى شەكىللەندۈرگەن. تىياتىر پېرسوناژلىرى شەكىللەندۈرگەن توقۇنۇش خاراكتېرلىك ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۇ تراگېدىيە، كومېدىيە، تراگېكومېدىيە دېگەن خىللارغا بۆلۈنىدۇ. ئويناش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقغىا قاراپ، ئۇ، داراما، مۇزىكىلىق داراما، ئوپېرا، ئۇسۇللۇق تىياتىر، ناخشا - ئۇسۇللۇق تىياتىر دېگەن خىللارغا بۆلۈنىدۇ. ھەجمىنىڭ چوڭ - كىچىكىلىگە قاراپ، ئۇ، كۆپ پەردىلىك دراما، بىر پەردىلىك دراما دېگەن خىللارغا بۆلۈنىدۇ. ئەكىس ئەتتۈرگەن دەۋرىگە قاراپ، ئۇ، تارىخي دراما، زامانىۋى دراما دېگەن خىللارغا بۆلۈنىدۇ.