UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتدىباچە

دىباچە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 1. كىتابنىڭ ئالتۇن سۈيى ۋە نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بىرىنچى سەھىپىسى. 2. كىتابقا يېزىلغان كىرىش سۆز، لىرىك مۇقەددىمە. قەدىمكى كىتابلاردا كىرىش سۆز بىرىنچى سەھىپە ھاشيەسىگىمۇ يېزىلاتتى. دىباچە، ئادەتتە ئاپتورنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن، بەزىدە باشقىلار (كۆپىنچە كاتىپلار) تەرىپىدىن يېزىلىپ كەلگەن. <قۇتادغۇبىلىك> داستانىدىكى شېئىرىي ئۇسلۇبتا بېرىلگەن 77 بېيتتىن تەركىب تاپقان مۇقەددىمە <دىباچە> ھېسابلىنىدۇ. بۇ دىباچە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى مەلۇم. دىباچە ھازىرقى زامان ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا غ. غولام ۋە م. شەيخزادىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات