مىللىيلاشتۇرۇش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مۇستەقىل بەدىئىي شەكلى ۋە بەدىئىي ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئەسەرلەرنى مىللىي روھ ۋە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مىللىيلاشتۇرۇش بىر مىللەتنىڭ، بىر سىنىپىنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى. پرولېتارىيات ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مىللىيلاشتۇرۇشقا يېتىشتەيازغۇچىلار چوقۇم ئۆز مىللىتىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى، غايىسىنى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ۋە بەدىئىي زوقلىنىش ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىشى، ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە تەنقىدىي ۋارسلىق قىلىپ، باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىجادىي قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەرىكەتچان ماسلاشتۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، خەلق ئاممىسى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ.