UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتلەپەر

لەپەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر تۈرى. مەسىلەن: «يار - يار» (ياكى يار سەنەم) لەپەر نامى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. تويلاردا ئېيتىلغان «يارى - يارى» قوشاقلىرى ناھايىتى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا بار ئىدى. ناۋايى دەۋرىدە مۇنداق قوشاقلار «چەنگى» دەپ ئاتالغان. ناۋايى «مىزانول ئەۋزان» دېگەن ئەسىرىدە «چەنگى» نى تەرىپىلەپ: «قايسى چەمەندىن ئەسىپ كەلدى سەبا، يار - يار، كىم، دامىدىن چۈشتى ئوت جانىم ئارا، يار - يار» دېگەن بېيىتنى مىسال كەلتۈرىدۇ. يېقىنقى زامانلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىملىرىدا «يار- يار»، «يار سەنەم» ياكى «ھاي - ھاي يۈلەن» نامىدىكى لەپەرلەرنىڭ ئېيتىلىپ كەلگەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات