سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇرژۇئازىيىنىڭ بىر خىل ئەدەبىيات - سەنئەت نۇقتىئىنەزىرى، ئۇنىڭدا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي رولى، سەنئەت بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنكار قىلىنىپ، سەنئەت بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنكار قىلىنىپ، سەنئەتنىڭ ھېقانداق مەقسىتى بولمايدۇ، دېگەن نەرسە تەرغىپ قىلىنىدۇ.
19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، غەرب بۇرژۇئازىيىسى كۈندىن - كۈنگە چىرىپ كېتىۋاتقان چاغلىرىدا، بىر قىسىم بۇرژۇئا ئەدىبلىرى «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت » دېگەن بۇ شوئارنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇنى بۇرژۇئازىيە ئەدەبىياتىنىڭ بۇرژۇئازىيىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىنىپىي ماھىيىتىنى يېپىشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى قىلغانىدى. سەنئەتكارلارنى رېئال كۈرەشتىن چەتنەپ، ئاجايىپ - غارايىپ بەدىئىي شەكىلەرنى ئىزدىنىشكە، ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە ئىجتىمائىي رولى بىلەن كارى بولماسلىققا دەۋەت قىلدى. «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدىكى بەزى بۇرژۇئا ئەدىبلىرى بۇ شوئارنى مەملىكىتىمىزگە كۆچۈرۈپ كېلىشكەن. ئۇلار قانداقتۇر «سەنئەتنىڭ ھېچقانداق مەقسىتى بولمايدۇ» ، دەپ داۋراڭ سېلىشقان ۋە بۇ سەپسەتىنى ئۆزىلىرىنىڭ ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش غەرىزى ئۈچۈن دەستەك قىلىۋالغانىدى. لۇشۈن باشچىلىقىدىكى ئىلغار ئەدىبلەر ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم رولى ھەققىدە توختالغان. يۇقىرىقىدەك خاتا نۇقتىئىنەزەرلەرگە رەددىيە بەرگەنىدى.