UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسەلبى پېرسوناژ

سەلبى پېرسوناژ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ ئىجابىي پېرسوناژلارغا قارىمۇ قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەسەر ئىچىدە پاش قىلىدىغان ۋە تەنقىد قىلىدىغان، مۇئەييەت تارىخىي دەۋردىكى ئەكسىيەتچى ئىجتىمائىي كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەدىئىي ئوبرازنى كۆرسىتىدۇ. ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى سەلبى پېرسوناژلار ئاساسلىقى، خەلق ئىشلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان، تارىختا ھالاكەتكە مەھكۇم بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئەكسىيەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك زىددىيەت ۋە كۈرەشلەرگە تولغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر مەزمۇنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تىپىكلەشتۈرۈش پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ سەلبىي پېرسوناژلارنى ئوبدان يېزىش لازىم. كومېدىيە ۋە باشقا ساتېرىك، يۇمۇرىستىك خاراكتېرىدىكى ئەسەلەردە بىر مۇنچە سەلبىي پېرسوناژلار تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنغانلىقتىن ئۇلارنى گەۋدىلىك سۈرەتلەشكە، ئوبرازلارنى مۇكەممەل يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، سەلبى پېرسوناژلارنى تەسۋىرلىگەندە ئاپتورنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلىش ۋە تەنقىدلەش پوزىتسىيىسى گەۋدىلىنىشى لازىم. سەلبىي پېرسوناژلارنى تەسۋىرلىگەندە ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئۇقۇملاشتۇرىدىغان ئۇسۇل ئەسەرنىڭ چنلىقلىقى ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئاپتورنىڭ ئىجادىي غايىسى بىلەن ئارزۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات