UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتھازىرقى زامانچىلار

ھازىرقى زامانچىلار

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 19 _ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بۇرژۇئا ئەدەبىيات _ سەنئەت ئېقىملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئەڭ ئاۋۋال مەيدانغا كەلگىنى سىمۋولچىلار شېئىرىيىتى بولۇپ، 19 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فرانسىيدە ئوتتۇرغا چىقىپ، كېيىنچە ياۋروپا، ئامېرىكىلارغا تارقالغان. ھازىرقى زامانچىلارنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ھەر قايسى تارماق ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا سىمۋولچىلار ناھايىتى كۆچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى. مەسىلەن: دېبياۋش ۋەكىللىكىدىكى تەسىراتچىلار مۇزىكىسى، كاندىنسكى ۋەكىللىكىدىكى ئابسراكىتچىلار رەسىملىرى، پىكاسۇ ۋەكىللىكىدىكى كۇبمىستىك ( تىك تۆتقىرچىلىق ) سەنئىتى قاتارلىقلاردا سىمۋولچىلارنىڭ تەسىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەدەبىيات ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، 19 _ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانغا قەدەر ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق ۋاقىت جەريانىدا، ئالدىن كېيىن بولۇپ ئىپادىچىلىك ( ئېكسپېرسسىئونىزم )، كېلەچەكچىلىك ( فۇتۇرىزم )، ئاڭ ئېقىمى ھېكايىچىلىك، بىمەنىچىلەر تىياتىرچىلىقى، « ھالقىپ كەتكەن بىر دەۋر » چىلىك، بارلىقچىلىق ( ئېكزىستېنتسىئالىزم )، « قارا يۇمۇر » چىلىق، يېڭى ھېكايىچىلىق قاتارلىق ئېقىملار مەيدانغا كەلدى. ھازىرقى زامانچىلارنىڭ ئىديىۋى مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، ھەممە نۇقتىلاردىن كاپىتالىزم جەمئىيتىدىكى ياتلىشىش ھالەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش. كىشلەر بىلەن جەمئىيەت مۇناسىۋىتىدە ئادەمنىڭ توڭلۇقى ۋە رەھىمسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ھەممە ئادەم ئۆزىنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار جەمئىيەت بىلەن ئادەم ئارىسىدا ئۆز ئارا ھېسسىي ئالمىشىش بولۇشنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئادەم بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتتە، ئۇلار، ماددىي دۇنياغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، ماددىي مەدەنىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ئادەم بىلەن « مەن » ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇلار قابىليەت بىلەن تۆۋەن ئاڭنى تەكىتلەپ، ماددىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئادەم ئەسلى ماھىيىتىنى يوقىتىپ ياتلاشقان « غەيرىي ئادەم » گە ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ قاريدۇ. ھازىرقى زامانچىلار بەدىئىيلىك جەھەتتە سۇبيېكتنى ئىپادىلەشنى، بەدىئىي تەپەككۇرنى، شەكىل يېڭىلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئۇلار ئەنئەنىۋى رېئالىزملىق تەسۋىرلەشنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىشارەت بېرىش ۋە خىيالنى ئاساس قىلىش، سەزگۈ ئەزالىرىنى بىۋاستە سۆزلىتىشتەك سىمۋوللۇق ئۇسۇلىنى، ھەتتا بىمەنە ئۇسۇللار بىلەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ تەسىراتىنى ئەگرى _ توقاي، چىگىش قىلىپ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھازىرقى زامانچىلار ئەدەبىياتى ئىدىيۋى مەزمۇن جەھەتتە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ زىددىيەتلىرىنى پاش قىلىش تەرتىپىگە ئىگە، شۇنداقلا ئۇ يەنە چۈشكۈنچىلىك ( ئانارخىزم )،سىرلىچىلىق ( مىستىتىزم ) لارنى تەرغىپ قىلىش تەرىپىگىمۇ ئىگە. بەدئىيلىك جەھەتتە ئوبرازغا ئېتىبار بېرىش، يېڭى شەكىل يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش تەرىپى بار، ئەمما يەنە، مەزمۇنغا سەل قاراش، يېڭى، ئاجايىپ _ غارايىپلىقنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قوغلىشىدىغان تەرىپىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات