گەۋدىلەندۈرۈش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پېرسوناژلارنى يان تەرەپتىن تەسۋىرلەيدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى. بۇ خىل ئۇسۇل شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ ئاساسى قىلىدۇ. مۇشۇ خىل مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنپ بىر شەيئى ئارقىلىق يەنە بىر شەيئىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىدە باشقا پېرسوناژلارنى، ياكى مەنزىرە، مۇھىت قاتارلىقلارنى سۈرەتلەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەسلىدىكى تەسۋىر ئوبيېكتنى ئىپادىلەپ بېرىش، «ئا» نى يېزىش ئارقىلىق «ب» نى گەۋدىلەندۈرۈش ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. ئۇ تەسۋىر ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، كىتابخانلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.