« ھەقىقىي سوتسىيالىزم»
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
19 _ ئەسىرنىڭ 40 _ يىللىرىدا گېرمانىيىدە تارقالغان ئەكسىيەتچى ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى. ئۇنىڭ ئىجادچىسى موزىس ھىس، ئاساسلىق ۋەكىللىرى كارل گىلېيئىن، كارل بىك، گېرمان كىرگېي قاتارلىقلار. 1844 _ يىلى 12 _ ئايدا ھىس « ئالغا » گېزىتىدە: « سوئال ۋە جاۋاب: ئەمگەك ۋە خۇشاللىق. سوئال ۋە جاۋاب: پۇلدار قۇللۇق جەمئىيىتى توغرىسىد. مۈلۈك توغرىسىدا ۋە ئەركىنلىك توغرىسىدا » دېگەن ئۇزۇن ماقالىسىنى ئۇلاپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن گېرمانىيە ئىدىيە ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپ « ھەقىقىي سوتسىيالىزم » پىكىر ئېقىى تېزلىكتە شەكىللەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاشۇ بايراق ئاستىغا يىغىلغان بەزى ئۇششاق بۇرژئا ئەدىبلىرى بىر مەزگىل چوقان سېلىشتى. ئۇلار بەزى ژۇرناللارنى نەشىر قىلىش، ياكى قولغا كىرگۈزۋېلىش ئارقىلىق ھە دەپ تەشۋىق، تەرغىبات ئېلىپ باردى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلمىي كوممۇنىزمنىڭ تارقىلىشى، ھەمدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يامان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئۇلار « سوتسىيالىزم » بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئېزىقتۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق رولى خېلى كۈچلۈك بولدى. « ھەقىقىي سوتسىيالىزم» چىلار مۇتەئەسسىپ ئۇششاق بۇرژۇئازىيە مەيدانىدا تۇرۇپ، فرانسىيە خىيالىي سوتسىيالىزمىنى گېگىلىنىڭ ئىدېئالىزمى ۋە فېييېرباخنىڭ ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى « ھەقىقىي سوتسىيالىزم » نىڭ ئۈلگىسى دەۋالدى. « ھەقىقىي سوتسىيالىزم » چىلارنىڭ نەزەرىيىۋى يادروسى ۋە ئىدىيە ئاساسىي ئىنتايىن ئەكسىيەتچى، ساختا ۋە ئابىستراكت « ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى » دىن ئىبارەت. ئۇلار بۇ نەزەرىيىسىنى سىياسىي، ئىجتىمائىيات، ئىقتىساد ساھەلىرىگىلا ئىشلىتىپ قالماستىن، سەنئەت ۋە ئېستېتىكا ( گۈزەلچىلىك ) ساھەلىرىگىلا ئىشلىتىپ قوللاندى. ئۇلار شېئىر، ھېكايە قاتارلىق بەدىئىي شەكىللەر ئارقىلىق « مۇكەممەل تەبىئەتلىك ئىنسان » نى تەسۋرىلەشكە، بۇرژۇئازىيىنىڭ ساخاۋىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلارغا تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇندى. ئۇلار گيوتى قاتارلىق ئۇلۇغ يازغۇچىلارنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۈزەلچىلىك نۇقتىئىنەزىرى ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان ئىنسان، بىئولوگىيلىك مەنىگە ئىگە ئىنسان، سۇبېيكتىپ تەپەككۇرغا ئىگە ئىنسان بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ناتۇرالىزم، پاسسىپ رومانتىزم ھەمدە ۋەزخانلىقنى بەدىئىي تەسۋىر ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يەنە ئۇلارنىڭ گۈزەلچىلىكنىڭ ( ئېستېتىكىسىنىڭ ) ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. ماركىس، ئېنگېلسلار ئەسەر يېزىپ ئۇلارنى سىستېمىلىق تەنقىد قىلىدى. ئاران تۆت يىل ( 1844 _ 1848 ) ھايات كەچۈرگەن « ھەقىقىي سوتسىيالىزم» پۈتۈنلەي گۇمران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.