UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتىپىك ياكى تىپىكلىك

تىپىك ياكى تىپىكلىك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تېىپىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق يارىتىلغان بەدىئىي ئوبراز (ئومۇملۇق بىلەن ئىندىۋىدۇئاللىق) نىڭ بىرلىككە كېلىش دەرىجىسى. بەدىئىي ئوبرازدىكى ئىندىۋىدۇئاللىق قانچە روشەن بولسا، ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي ماھىيەت شۇنچە چوڭقۇر بولغان، ئومۇملۇق بىلەن ئىندىۋىدۇئاللىق قانچە ياخشى بىرلىككە كەلگەن بولسا، تىپىكلىك شۇنچە يۈكسەك بولغان بولىدۇ. تىپىك ياكى تىپىكلىك، ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بىر بەدىئىي ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژ، ۋەقەلىك، شارائىت قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش - بولالماسلىقى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئچىكى قانۇنىيەتلىرىنى تولۇق ئېچىپ بېرىش ياكى ئېچىپ بېرەلمەسلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
تىپىك ياكى تىپىكلىك | UyghurWiki | UyghurWiki