ئانتروپولوگىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كىشىچىلىك. ئادەمنى كونكرېت تارىخىي شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىپ تاشلايدىغان، ئادەمنى پەقەت بىر ھايات ئىگىسى دەپلا قارايدىغان مېتافىزىكىلىق ماتېرىيالىستىك تەلىمات. بۇ تەلىماتنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى نېمىس پەيلاسوپى فېييېرباخ بولۇپ، ئۇ ئادەمنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى، روھى تېنىدىن ئايرىلمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دەيدىيۇ، كونكرېت تارىخىي شارائىتتى، ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىقى، سىنىپىيىلىكىدىن ئايرىلغان مېتافىزىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ، ئادەمنى ساپ مەۋجۇدات دەپ قارايدۇ، ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىكى ئەھمىيىتى ھەمدە ئادەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا نىسبەتەن ئوينايدىغان نسىپىي رولىنى چۈشەنمەيدۇ.
بۇرژۇئا ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە كىشىچلىك (ئانتروپولوگىزم) تەلىماتىنىڭ تەسىرى ھەر خىل دەۋرلەردە ھەر خىل دەرىجىدە ئەكىس ئېتىپ <ساپ سەنئەت>، <ئىنسان ئۈچۈن سەنئەت>، <سىنىپتىن خالى سەنئەت> پىكىر ئېقىملىرى ئۈچۈن مۇئەييەن نەزەرىيۋى دەسمايە بولۇپ بەردى