تەرجىئى بەند
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە)
كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى لىرىكنىڭ بىر تۈرى، تەرجىئى بەند بىر نەچچە بەند (بېيىت) تىن تەشكىل تاپىدۇ، ھەر بىر بەند غەزەل ئۇسۇلىدا قاپىيىلىنىدۇ، ھەر بىر كۇپلېت ئۆز ئالدىغا ئۇدا قاپىيە (بەزىدە ئەركىن ياكى ئالماش قاپىيە) بىلەن داۋام قىلىدۇ، باشتىكى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بېيىتى ھەممە كۇپلېتلاردا ئەينەن تەكرارلىنىدىغان بولۇپ، ھېچبىر ئۆزگىرىشسىز كېلىۋېرىدۇ، ھەر بىر كۇپلېت ئاخىرىدا تەكرارلانغان بۇ بېيتتە ئاساسىي پىكىر گەۋدىلەنگەن بولىدۇ ۋە شۇ كۇپلېتى خۇلاسىلەش رولىنى ئۆتەيدۇ.
ناۋايىنىڭ <خازايىنۇل مەئانى> دېگەن ئەسىرىدە بىر قانچە تەرجىئى بەند بار. تۆۋەندە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىن مىسال كەلتۈرىمىز:
كۆك قەرىدە تاڭ چولپىنى تۇغدى - پارلىدى،
كۈن لەشكىرى مەۋجۇداتنى تۈندىن ئايرىدى؛
يىل باھارنى تۆت پەسىلگە رەئىس سايلىدى،
تەبىئەتكە ھايات سۈيى كەلدى - يامرىدى.
كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى،
قويدى قەدەم كۈن ھەمەلگە قارنى پوش - پوشلاپ،
كۆك مۇ ئېرىپ، كەتتى ئەگىز رەزگىنى باشلاپ؛
كىيدى زېمىن يېڭى ئېگىن جەندىنى تاشلاپ، سېخى بولسا باھار رىزقى كېلۇر قوش - قوشلاپ. كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى. (ئىمىن تۇرسۇن)
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاخىرقى بېيىت ھەر ئىككى كۇپلېت شېئىردا ئاساسىي مەقسەتنى خۇلاسىلەش رولىنى ئوينىغان.