UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئۇسسۇللۇق دراما

ئۇسسۇللۇق دراما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئۇسسۇلنى ئاساسىي ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان، مۇزىكا، گاچادراما شەكلى بىلەن ۋەقەلىك راۋاجىنى، پېرسوناژلار ئوبرازىنى ۋە باش تېمىنى ئېچىپ بېرىدىغان تىياتىر تۈرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى سۇژېت راۋاجى، پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ يارىتلىشى مۇزىكا تىلى ياردىمى بىلەن ئارتسىتلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە تايىنىپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ گەرچە مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ بىرلىشىشى بولسىمۇ دراماتىك سۇژېتقا ئىگە بولىدۇ. ئۇسسۇللۇق درامادىكى ئۇسسۇل ئادەتتە كلاسسىك (كونىچە) ئۇسسۇل ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئۇسسۇلنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئۇسسۇللار سۇژېتلىق ئۇسسۇل ۋە ئىپادىلەش ئۇسسىلى دېگەن خىللارغا بۆلۈنىدۇ. سۇژېتلىق ئۇسسۇل دراماتىك ۋەقەلەرنى ئىپادىلەيدۇ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولسا دراما ۋەقەلىكىنىڭ تۇغۇلغان دەۋرى ۋە مۇھىت ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. مۇزىكا ئۇسسۇللۇق درامىدا دراما مەزمۇنىنى قانات يايدۇرۇش، كەپىياتنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتلەردە ۋە پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. گاچا دراما بىلەن ئۇسسۇلنىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشى، تاللاپ ئېلىنغان ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش ھەرىكىتىدە ھەر خىل ھالەت ۋەقىياپەت ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇسسۇللۇق درامىنىڭ دراما ۋەقەلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتىكى مۇھىم ۋاستىسى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات