ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
20 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن غەرب دۇنياسىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى ھېكايىلەر. بۇ خىل ھېكايىلەر ئەنئەنىۋى ھېكايىچىلىقتىكى سۇژېت ۋەقەلىكنىڭ راۋاجلىنىش تەرتىپىنى، ياكى ۋەقەلىكنىڭ مەنتىقىلىق باغلىنش ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان بىر لىنىيلىك، تۈز سىزىقلىق كومپوزىتسىيە قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋەقەلىكنى بايان قىلىشنى ۋاقىت تەرتىپى ياكى ئورۇن _ جاي تەرتىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىشلەرنىڭ ئاڭ پائالىيىتىگە ئاساسەن ئىختىيارى باغلىنش پەيدا قىلىپ تەشكىللەيدۇ. ۋەقەلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە چېڭىتىشىشلىقى ۋاقىتنىڭ، بوشلۇقىنىڭ، لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەمىشە دېگۈدەك ۋاقىت تەرتىپىدىنب ھالقىغان، كۆپ ئۆزگىرىدىغان، ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئىككى كۆرۈنۈش ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت، ئورۇن جايغا مۇناسىۋەتلىك لوگىكىلىق باغلىنىش بولمىغان ھالدا بايان قىلىنىدۇ. بۇرۇنقى ئىشلار، ھازىرقى ئىشلار ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلار گىرەلەشتۈرۈلۈپ، تەكرارلىنىپ تەسۋىرلىنىۋېرىدۇ. ئەمما، ئىختىيارى تۇتاشتۇرۇش ئاساسىز، چېكى يوق بولمايدۇ.
ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەنى مەركەز قىلىپ، مەلۇم شەيئىنى قوزغىتىش پىلتىسى قىلىشتىن باشلاپ كىشلەرنىڭ ئاڭ پائالىيىتىنى ھەممە تەرەپلەرگە ئۈزلۈكسىز تارىتىۋېتىدۇ ۋە يەنە يىغىۋالىدۇ. ئەن شۇنداق تەكرار تارىتىش ۋە يەنە يىغىۋېلىش ئارقىلىق بىر خىل ستېرېئولۇق كومپوزىتسىيە شەكىللەندۈرىدۇ.
ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرىدە مۇئەييەن قائىدە يوق. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلۇق يازغۇچىلار ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن يېزىپ كەلمەكتە. ھەتتا بىر يازغۇچىنىڭ بىر نەچچە ھېكايىسىدىمۇ بىر _ بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىلەر بار. ھازىر ئېقىپ يۈرگەن ھەر خىل ئىجادىيەت ئېقىملىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرى ئىچىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇڭا، ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرىنىڭ ئىپادىلەش شەكلى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان.
ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرىنىڭ ئومۇم ئېتراپ قىلغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن فرانسۇز يازغۇچى پروستېنىڭ « ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش »، چاياۋئىسنىڭ « يۇرىس » قاتارلقلىرى بار.