ئانېكدوت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە بېسىپ چىقىرىلمىغان سۆزىدىن)
غەلىتە ۋەقە، كۈلكىلىك ھادىسىلەر توغرىسىدا كىچىك قىزىقارلىق ھېكايە.
مىلادىدىن ئىلگىرى 6 - ئەسىردە ئۆتكەن ۋىزانتىيە تارىخچىسى پىروكوپنىڭ ئىمپېراتور يۇستىنيان ۋە ئۇنىڭ ساراي ئەھلى (شەخسىي) ھاياتىدىن ئېلىنغان قىزىق ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلغۇچى <سىرلىق تارىخ> دېگەن ئەسىرى بىرىنچى قېتىم <ئانېكدوت> دەپ ئاتالغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئانېكدوت ئاتالغۇسى مەخسۇسلا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىتىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
كۈلكىلىك تاسادىپىلارغا ئاساسلىنىپ تۈزۈلگەن ھېكايە ياكى بىرەر ئەسەردىكى ئايرىم ئېپىزوتمۇ ئانېكدوت ياكى ئانېكدوتىك ھېكايە دېيىلىدۇ.
غاپۇر غۇلامنىڭ <ھىيلەئى شەرئىي> ناملىق ھېكايىسى، پېشقەدەم يازغۇچىمىز زۇنۇن قادىرىنىڭ <رودۇپاي> ۋ <ئىككى بارمىقىم بىلەن> ناملىق ھېكايىلىرى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ.
ئومۇمەن، ئانېكدوت شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدىكى لەتىپلەر، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەپەندى لەتىپىلىرىگە ئوخشاش ئەسەرلەر، (سەلەي چاققان، موللا زەيدىن لەتىپىلىرى) دىن ئىبارەت.