UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئوخشىتىش

ئوخشىتىش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىي ئەسەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى گەپ _ سۆز، ماقالە _ نۇتۇقلاردىمۇ باشقىلارغا چوڭقۇر تەسىر بېرىش ۋە ئۇلارنى قايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىستىلىستىك ۋاستىلەرنىڭ بىرى. ئوخشىتىش مۇۋاپىق ۋە ئۆز جايىدا قوللىنىلسا، ئوي _ پىكىر ھەم شەيئىلەرنى ئوڭاي چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، نەرسىلەرنىڭ ئوبرازىنى كۆرسەتكىلى، ئابىستراكىت نەرسىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، مۇرەككەپ نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئىنقىلابىي ئۇستازلار، گېنىئال يازغۇچىلار بۇ ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. مەسىلەن: ماركىس ھەقىقەتتىن ئىبارەت ئابستراكىت ئۇقۇمنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: « ھەقىقەتنى ئەڭ ياخشى چاقماق تېشىغا ئوخشاتساق، ئۇ قانچە قاتتىق ئۇرۇلسا، شۇنچە يورۇق نۇر چىقىرىدۇ. » بۇ يەردە ھەقىقەتەن كونكرېت نەرسىگە ئوخشىتىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كۈرەش جەريانىدا نامايان بولىدىغانلىقى ئوبرازلىق ھالدا چۈشەندۈرۈلگەن. ئوخشىتىشلار مۇنداق بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ: 1. ئېنىق ئوخشىتىش: بۇ ئوخشىتىش ناھايىتى روشەن بولىدۇ. ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى كۆز ئالدىمىزدا بىرلا ۋاقىتتا ئەكس ئېتىدۇ « دەك، تەك » قوشۇمچىلىرى ۋە « گويا » « ئوخشاش »، « خۇددى » قاتارلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىككى شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت چۈشەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن: « مەن خۇددى تالغا ئوخشاش قەيەرگە سانجىپ قويسا، شۇ يەردە كۆكلەيمەن. » ( لېي فېڭ خاتىرىسىدىن ) ئۇيغۇر زار _ زار يىغلار، ۋاپا قىلمىغاچ ئول يار. قەپەزدىكى بۇلبۇلدەك، ھەسرەت _ ئەلىمىم ئارتار. ( ئۇيغۇرى ) 2. يوشۇرۇن ئوخشىتىش؛ بۇ خىل ئوخشىتىشتا ماسلىشىش باغلىنىشى بولىدۇ، يوشۇرۇن ئوخشىتىش ئېنىق ئوخشىتىشقا قارىغاندا، بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشى زىچ ۋە يوشۇرۇن بولىدۇ. مەسىلەن: « پارتىيە سېنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇيۇلدۇرۇپ قالدى. » ( لېي فېڭ ) يەنە بىر مىسال: « ھەقىقەتەن شۇنداق، مەن ئۆزەمنىڭ پولات ياكى ئەمەسلىكىمنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزەمنى مەشكە تاشلىشىم كېرەك. » ( ۋىي ۋىي: « ياشلار، ياشلىق باھارىڭلار تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن ») بۇ جۈملىدە پولات ئوخشالغۇچى، مەش ئوخشىغۇچى بولۇپ، ناھايىتى قىيىن بولغان كۈرەش شارائىتى مەشكە ئوخشىتىلغان. « مەن » ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چېنىققان ياكى چېنىقمىغانلقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى ماسلىشىپ باغلىنىپ كەلگەن. 3. ۋەكىللىق ئوخشىتىش: بۇ خىل ئوخشىتىش يوشۇرۇن ئوخشىتىشقا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئوخشىتىش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوخشالغۇچى شەيئى كۆرۈنمەي، ئوخشىغۇچى شەيئى ئوخشالغۇچى شەيئىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: يوللۇقۇم بولسۇن ساڭا، قوينۇڭغا سالغىن ئالمىنى. ھەر سېغىنقاندا پۇراپ يادىڭغا يارىم ئال، مېنى. ( ت. ئېلىيېۋ ) شائىر بۇ شېئىردا ئوبرازلىق تەپەككۇردىن پايدىلىنىپ، ناھايتى چوڭقۇر يۈرەك تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن. « ئالما » ئوخشالغۇچى شەيئى ئورنىدا قوللىنىلىپ، قىزىقارلىق سۆز ئويۇنى ھاسىل قىلىنغان. يەنە بىر مىسال: ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماسلىق، يانداق تارتسا ئىچ ئات تارتماسلىق. بىر تامچە سۇدېڭىزغا قوشۇلغاندىلا، ئاندىن قۇرۇپ كەتمەيدۇ. بۇ ئىككى مىسالدىمۇ ئوخشالغۇچى يوق، پەقەت ئوخشىغۇچىلار بار، ئېيتايلى: ( 1 ) مىسالدا « قەدەم بىرلىكى پىكىر بىرلىكى » دىن ئىبارەت ئوخشالغۇچى يوق بولسا؛ ( 2 ) مىسالدا « ھەر بىر شەخس ئۆزىنى كوللىكتىپقا بېغىشلاش » تىن ئىبارەت ئوخشالغۇچى يوق.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات