UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتگراژدانلىق پوئېزىيىسى

گراژدانلىق پوئېزىيىسى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى غايىسى، تېمىسى ۋە ئوبرازلىرى ئىجتىمائىي ھايات ۋە خەلقنىڭ ئازادلىق كۈرىشى بىلەن بىۋاستە باغلىق بولغان شېئىرىي ئەسەرلەر. گراژدانلىق شېئىرىيىتى رۇس ئەدەبىياتىدا دېكابرسىت شائىرلار ئا .ن رادىششېۋ، ئا. س. پۇشكىننىڭ ئىنقىلابىي شېئىرلىرىدىن تارتىپ م. گوركى شېئىرلىرىغىچە بولغان ئىلغار شائىرلار ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئېلىمىز ئەدەبىياتىدا چۈي يۈەندىن باشلاپ گو موروغىچە كۆپلىگەن شائىرلار بۇ ساھەدە ئۇلۇغ نەمۈنىلەر ياراتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناۋايىدىن باشلاپ ئابدۇرەھىم نىزارىغىچە بۇ ساھەدە ئاجايىپ نەمۈنىلەر بار. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىم شېھىت، ل. مۇتەللىپ . . . قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز گراژدانلىق شېئىرىيىتىدە ئۈلگىلەر ياراتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ «مەنچىڭ غۇلاپ ھەممە خۇش»، نىم شېھىتنىڭ «ئالدىدا»، ل. مۇتەللىپنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق ئەسەرلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات