لىرىك چېكىنىش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئاپتور نۇتقىنىڭ بىر تۈرى _ بەدىئىي ئىپادە قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر خىلى. ئاپتور تىلى ياكى نۇتقى بەزىدە ۋەقەلىك بايانى بىلەن بىۋاسىتە باغلانماي قالىدۇ. ئاپتور ۋەقە ۋە ئادەملەر خاراكتېرىنى تەسۋىرلەشتىن چېكىنىپ، ئۆزىدە تۇغۇلغان ھېس - تۇيغۇ ۋە ھاياجاننى لىرىك ئىپادە قىلىشقا ئۆتكەن ئورۇنلار لىرىك چېكىنىش دېيىلىدۇ. ناۋايىنىڭ «خەمسە» سىدىكى داستانلاردا؛ ئا. س. پۇشكىننىڭ «يېۋگېنى - ئونېگىن» ناملىق شېئىرىي رومانىدا، لۇشۈننىڭ «بەخت تىلەش» ناملىق ھېكايىسىدە ناھايىتى ئوبدان نەمۇنىلىرى بار.