بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بازىس جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىغىندىسى. ئۈستقۇرۇلما ئىقتىسادىي بازىس ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسىي، قانۇن، پەلسەپە، ئەخلاق، سەنئەت، دىن قاتارلىق نۇقتىئىنەزەرلەر، شۇنىڭدەك بۇ نۇقتىئىنەزەرلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان سىياسىي، قانۇن قاتارلىق مۇئەسسەلەردىن ئىبارەت.
ماركىسىزم بازىسىنى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىغىندىسى دەپ قارايدۇ. بازىس ئىقتىسادىي جەھەتتە جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۈستقۇرۇلما بولسا سىياسىي، قانۇن، پەلسەپە، سەنئەت قاتارلىق ئىدىيىلەر بىلەن جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن مۇناسىپ سىياسىي، قانۇن مۇئەسسەسىلىرىنى بەرپا قىلىدۇ.
بازىسنىڭ خاراكتېرى ئۈستقۇرۇلمىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ، بازىسنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۈستقۇرۇلمىمۇ ياكى تېز، ياكى ئاستا ئۆزگىرىش ياسايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈستقۇرۇلما بازىسنى پاسسىپ ھالەتتىلا ئەكىس ئەتتۈرمەستىن، بەلكى بازىسقا نىسبەتەن ئەكسى رول ئوينايدۇ، ھەتتا مۇئەييەن شارائىتتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.
كونا ئۈستقۇرۇلما كونا بازىسنى قوغداپ، يېڭى بازىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. يېڭى ئۈستقۇرۇلما بولسا يېڭى بازىسنىڭ تىكلىنىشى، مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىقتىسادىي بازىسقا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئېكىسپىلاتاتۇرلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەت ۋە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە ئوخشىمايدىغان خاراكتېرىگە ئىگە. شۇڭا، ئوخشىمايدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ئوبراز ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىيات جەمئىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ۋە يەنە ئىقتىسادىي بازىسقا نىسبەتەن ئەكسى رول ئوينايدۇ، ھەمدە ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش ياسايدۇ. ئۈستقۇرۇلما ھېسابلىنىدىغان ئەدەبىيات، ئۇنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئىقتىسادىي بازىسقا نىسبەتەن باشقا ئۈستقۇرۇلمىلارغا، مەسىلەن: سىياسىي، قانۇن ... لارغا سېلىشتۇرغاندا <يەنىمۇ يۇقىرى كۆك بوشلۇقىدا ئېسىلىپ، لەيلەپ تۇرغان بولىدۇ> ئۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي بازىس ئوتتۇرىسىدا، پەقەت سىياسىي ئارقىلىقلا ۋاستىلىك مۇناسىۋەت پەيدا بولىدۇ. ئۇ سىياسىي، قانۇنغا ئوخشاش ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭلا ئۆزگىرىش ياسىمايدۇ.