UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئارخائىزم

ئارخائىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە قەدىمكى سۆزىدىن) ھازىرقى ئومۇمىي خەلق تىلىدا ئىشلەتمەيدىغان، كونىرىغان سۆز ۋە ئىبارىلەر بولۇپ، ئۆتمۈشنىڭ ئەينى ئۆزىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، بەدىئىي ئەدەبىياتتا مۇنداق كونا سۆز ۋە ئىبارىلاەر ئايرىم ۋاقىتلاردىلا بەلگىلىك بىر مەقسەت بىلەن ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك پېرسوناژ تىلىنى تىپىكلەشتۈرۈش،. تەسۋىرلىنىۋاتقان ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ۋە تارىخىي شارائىتلارنى مۇۋاپىق ئىپادىلەپ بېرىش زۆرۈر تېپىلغاندا ئاخائىزملىق سۆزلەرنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئابدۇللا قادىرى <ئۆتكەن كۈنلەر> رومانىدا ئۇستىلىق بىلەن ئىش كۆرگەن. پېشقەدەم يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ھېكايىلىرىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ <غۇنچەم> دارامىسىدا بۇ ھالنى ئوچۇق كۆرىمىز. مەسىلەن: <تارىخى ھىجرىيە 1332 - يىل ماھى شەباننىڭ 24 - كۈنى ئەردى. مەنكى، سىدىق ئاخۇننىڭ قىزى غۇنچەم يۇرت كاتتىلىرى ئالدىدا ئۆز تىلىمدىن ئۇشبۇ ھۆججەتنى بېرىمەن، ئانام زورىخاننىڭ ئۆلۈم مەرىكىسىگە يۇرت ئاتىمىز ئۆمەر شاڭيۇم تەرىپىدىن 230 تەڭگە خىراجەت قىلىندى ۋە يەنە يەتتە نەزىرى ئۈچۈن 125 تەڭگە خىراجەت قىلىندى، شۇبۇ پۇللار بەدىلىگە ئاتا - ئانامىدىن قالغان ئۆي - جاي ۋە بېغىمنى شاڭيۇ ئاكامغا رەنە تەرىقىسىدە تەسەررۇپ قىلىشقا تاپشۇرىمەن، بۇ قەرزلىرىمنى تامامەن تۆلەپ بولغىچە شاڭيۇ ئاكامنىڭ ۋەسىلىكىدە بولۇپ، كۆرسەتكەن يولى بىلەن ماڭىمەن، ئىجازەتسىز ھېچقاياققا كەتمەيمەن.> (<غۇنچەم> <درامىلار>، 54 - بەت، <تىل خەت> ماۋزۇسىدىن) بۇنداق ئارخائىزملارنى باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۆرۈش مۇمكىن. مەسىلەن: ئەخەت تۇردىنىڭ <قىيانلىق دەريا> پوۋېستىدا ئارخائىزملار پېرسوناژلارنىڭ ئالاھىدلىكىنى تىپىكلەشتۈرۈشتە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرىمىز.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات