بارماق ۋەزنى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسلىق بىر خىلى. ئۇ، مىسرالاردىكى سۆز بوغۇملىرىنىڭ مىقدارى ئاساسلانغان شېئىر سىستېمىسى، بارماق ۋەزنى تۈركىي تىلدىكى خەلقلەر شېئىرىتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭمۇ قەدىمكى ۋەزنىدۇر. « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن شېئىرلار بۇ سۆزىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. بارماق ۋەزنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭمۇ ئاساسىي ۋەزنى ھېسابلىنىدۇ.
مىسرالارنى تەشكىل قىلغان تۇراقلاردىكى بوغۇملار سانىنىڭ بىر خىل تەكشى تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە رىتىم ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن:
ئۆي _ ئىمارەت ئۇلىدىن،
شاخ، يوپۇرماق غولىدىن.
مەڭگۈ چىقماي ماڭىمىز،
پارتىيىنىڭ يولىدىن.
بۇ پارچىدىكى ھەر بىر مىسرا ئىككى تۇراق، يەتتە بوغۇمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر مىسرا شۇ تەرىقىدە تەكرارلانغان تۇراقلاردىكى بوغۇملار مىقدارىغا ئاساسلانغان. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بارماق ۋەزنى تۆت بوغۇمدىن 16 بوغۇمغىچە بولىدۇ.
سەككىز بوغۇملۇق شېئىرغا مىسال:
ئەسىرلەر توم، يىللار ۋاراق،
ئايلىرى قۇر، كۈنلەر چېكىت.
ئاي _ كۈنلەرگە ماغدۇر بېرىپ،
يىللار ياسار، جەڭچى يىگىت.
( ل. مۇتەللىپ )
توققۇز بوغۇملۇق شېئىرغا مىسال:
ئاتام ئېيتقان دەستۇرنى دائىم،
تەكرارلايدۇ ماڭا ئانا يەر.
مەن سادىقمەن ئاڭا تېنىمدىن،
تاكى تىنىق توختىغان قەدەر.
( قۇربان بارات )
11 بوغۇملۇق:
مەن بۈگۈن سەھەردە ئويغانغان چاغدا،
يېڭىدىن توخۇلار قاقاتتى قانات.
ۋىسال شارابىدىن ئىچىكەن يۈرەكتەك،
ئاھ، قانداق ياشارغان ھەممە كائىنات.
( ئابلىز نازىرى )
12 بوغۇملۇق شېئىر:
جاننىڭ كۆركى _ مۇھەببەت، شەرتى ۋاپادۇر،
ۋاپاسىزغا مۇھەببەت ھەم بىۋاپادۇر.
مۇشەققەسىز راھەتنىڭ كەينى جاپادۇر،
جاپاسى يوق مۇھەببەت ھەم بىساپادۇر.
( ئىمىن تۇرسۇن )
15 بوغۇملۇق شېئىر:
تۈننى كۈندۈزدەك قىلۇر خۇددى گۆھەر بۇ چىراق،
نۇرىنى ئالغان قۇياشتىن نۇرى جەۋھەر بۇ چىراق.
قاپقاراڭغۇ تۈندە نۇرنىڭ مەنبەئىيدۇر بۇ چىراق،
تۈندە يول تېپىپ يۈرۈشنىڭ مەشئىلىدۇر بۇ چىراق.
( ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى )
16 بوغۇملۇق شېئىر:
يۈرەككە ئوق تېگىپ، ياتسام ئىدى ئاستانىدا ھەي _ ھەي،
مازارىم گۈل قۇچۇپ، قالسام ئىدى بوستاندا ھەي _ ھەي.
ۋەتەننىڭ دانە تۇپراقى گويا ئالتۇن، ھىدى زەپەر،
تەۋەررۇك نامىنى يازسام ئىدى داستانىدا ھەي _ ھەي.
( ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى )