ئاساسىي باش تېما ۋە قوشۇمچە باش تېما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسۋىرلەش، سۈرەتلەش كارتىنىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. مۇرەككەپ، چىگىش ۋەقەلىكلەر قاتمۇ قات گىرەلىشىپ كەتكەن، پېرسوناژلىرىمۇ نۇرغۇن بولىدۇ. مۇنداق ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسى بىرلا بولماسلىقى مۇمكىن. ئوبراز، كۆرۈنۈش، ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيە، كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئاساسىي مەسىلە ئاساسىي باش تېما بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەسەردىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئاساسىي تەرەپلەرگە قارىتىلغان ھۆكۈم ۋە باھاسى، چۈشەندۈرۈشلىرى ھەمدە مەركىزىي ئىدىيىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك باشقا مەلۇم ئىدىيە قوشۇمچە باش تېما بولىدۇ.
قوشۇمچە باش تېما ئاساسىي باش تېمىنى كېڭەيتىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا ئاساسىي باش تېمىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ماۋدۈننىڭ <تۈن يانغاندا> رومانى 30 - يىللارنىڭ بېشىدىكى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەسۋىرلەپ، جۇڭگونىڭ كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىيات يولىغا ماڭالمىغانلىقىنى، ئەكسىنچە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلمى ئاستىدا تېخىمۇ مۇستەملىكىلىشىپ كەتكەنلىكىدەك بۇ مەركىزىي ئىدىيىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاپتور يەنە مۇرەككەپ، چىگىش سىنىپىي زىددىيەتلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىشچى، دېھقانلار ئىنقىلابىي دولقۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان تېزلىك بىلەن كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدەك بۇ بىر ئىدىيىنى چۈشەندۈرىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەركىزىي ئىدىيە ئاساسىي باش تېما، كېيىنكى ئىدىيە بولسا قوشۇمچە باش تېمىدۇر.