UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمېتونىمىيە

مېتونىمىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى گرېكچە metonymia _ مەجاز سۆزىدىن بىر نەرسىنى ئۆز نامىدىن باشقا نام بىلەن ئېيتىش مېتونىمىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مېتونىمىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش تىلغا ئېلىنمىغان نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان نام ئارىسىدا مەنىۋى ماسلىق ۋە ئۇيغۇنلۇق بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن كىتابخاننىڭ كۆز ئالدىدا ئوبرازلىق مەنزىرە ۋە ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ: ئەنە ئالدىمدا كۆڭلۈمدەكلا كەڭ، يېيىلىپ ياتار ئالتۇن يەر _ ئېتىز. يۇمشاق يەلپۈنگەن شۇ ئېتىز خۇددى، يۇمشاق دولقۇنلانغان پايانسىز دېڭىز. شۇ دېڭىزدا، كۆز يېتىم يەردە، پەيدا بولۇپ قالدى ئەنە بىر يەلكەن. پايانسىز دېڭىزدا گويا بىر لاچىن، ئوينىشىپ يۈرەتتى دولقۇنلار بىلەن. (ئابلىز نازىرى) شائىر ئاشلىق دالىسىنى ئالتۇنغا، كېيىن دېڭىزغا ئوخشىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كىتابخاندا ئېتىز توغرىسىدا گۈزەل ئېستېتىك زوق ھاسىل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
مېتونىمىيە | UyghurWiki | UyghurWiki