UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتگۇمانىزم(ئىنسانپەرۋەرلىك) كىشىلىكچىلىك

گۇمانىزم(ئىنسانپەرۋەرلىك) كىشىلىكچىلىك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لاتىنچە hnmanus ئىنسانىي ئىنسانغا مۇھەببەت، ئادەمگەرچىلىك، كىشىگە غەمخۇرلۇق قىلىش ۋە ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر. گۇمانىزم ئويغىنىش دەۋرى (14 - 16 - ئەسىرلەر )دىكى بۇرژدۇئازىيىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈرىشىدە ئىلغار ئىجتىمائىي پكىرنى ئىپادىلىگەن ئېقىم، ئىلغار بۇرژۇئا ئەدەبىيات - سەنئتىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بولغان. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەر بولغان گۇمانىزم كىشىنىڭ كىشى تەرىپىدىن ئېكسىپلاتاتسىيە قىلىنىشىغا ۋە خورلىنىشىغا قارشى نارازىلىق، خورلانغانلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر خەيرىخاھلىق روھى بىلەن سۇغىرىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى گۇمانىزمنىڭ ئۇلۇغۋار نەمۇنىلىرىدۇر. سوتسىيالىسىزم شارائىتىدىكى گۇمانىزم پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچىلەرنى ئازاد قىلىش، ئۈمىدۋار قىلىش روھى بىلەن سۇغىرىلغان بولىدۇ. بىزدىكى گۇمانىزم ئېلىمىز ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم غايىلىرىدىن بىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات