مۇستەھزاد
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدە كۆپ قوللىنىلغان شەكىللەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈشى كۆپ ھاللاردا 16 بوغۇمدىن ئېشىپ كېتىغانلىقى ئۈچۈن مۇستەھزاد (ئادەتتىن تاشقىرى) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ كۇپلېتلىرى ئۇزۇن - قىسقا تۆت مىسرادىن تۈزۈلىدۇ. يەنى بىرىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىرى ئۇزۇن، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرىقىسقا، جۈملىدىن ئۇزۇن مىسرالىرىمۇ ئۆز ئالدىغا، قىسقا مىسرالىرىمۇ ئۆز ئالدىغا قاپىيىداش بولۇپ كېلىدۇ.
مۇستەھزادتا قىسقا مىسرالار ئۇزۇن مىسرالارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ بېرىدۇ ۋە شېئىر ئاخىرلاشقىچە شۇ خىلدا داۋام قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇزۇن مىسرالىرىنى قىسقا مىسرالىرىدىن ئايرىپ قارىغاندا، ئۇ مەسنەۋى ياكى غەزەل شەكلىنى ئېلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرالايدۇ.
مۇستەھزاد شەكلىدە يېزىلغان شېئىرغا مىسال:
ئەۋسافى نىگارىمنى دەيىن شەمسۇ قەمەدۇر،
ھەم قامىتى زىبا،
ھەم غۇنچە ئاغىز، تىلى شېرىن، لەئلى شەكەدۇر،
مانەندى زۇلەيخا.
ھەم مۇرچەمىيان، قاشى قارا، قامەتى مەۋزۇن،
ھەم ساچلەرى سۇمبۇل،
بۇ سەرۋى دۈرۇ ئەمما لەبى غۇنچەئى تاردۇر،
ھەم يۈزلەرى رەنا.
ھەم نازۇ كەرەشمە قىلبان چىقسا ئىشىكتىن،
قاشلەرىنى قاقىپ،
ۋالە بولادۇر ھەرنە ئانى كۆرسە بەشەدۇر،
چۇن مەپتۇنۇ شەيدا.
قەھرى غەمىدىن بولسە تۈمەن زىندە بولۇر مۇرغ،
مەشۇقى زامانىنىڭ،
ھەجرى غەمىدىن مەردۇ ئايال دىدەسى تاردۇر،
بەلكى ھەمە ئەشيا.
مەجنۇن بولادۇر لەيلى ۋەشى يۈزىنى كۆرگەچ،
ھەركىمسە توساتتىن،
خاھ ياشۇ قېرى، خاھ ئايال، بەلدە كەمەدۇر،
خاھ ئاسى گۇمراھ.
بۇ نەۋ پەرۋەشكە ئەسىر بولدى بىلىڭلار، ئەييامى
ئەزەلدە،
بۇ خەستە بىلال گەرچە ئۆزى بەندە بەتەدۇر،
غەم بابىدا تەنھا.
(بىلال نازىمى)