نوۋاتورلۇق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لاتىنچە novator — يىڭلىغۇچى سۆزىدىن
ئىلغار سەنئەتكارلار تەرىپدىن خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان يېڭى تەلەپلىرىگە جاۋابەن بەدىئىي ئەدەبىياتقا، بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمونى ھەم شەكىلگە ئېلىپ كىرىلگەن يېڭى، غايىۋى، بەدىئىي پەزىلەتلەر.
ھەقىقىي نوۋاتورلۇق ئىلغار ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنى ئىنكار قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا تايىنىدۇ ۋە ئىجادىي پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۈيۈك يازغۇچىلار ئىجادىي بۇنى روشەن كۆرسىتىدۇ، نىزامى ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ناۋايى نوۋاتور ئۇستاز شائىر سۈپىتىدە يېڭى ( خەمسە ) ئىجاد قىلىغانىدى.
ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىي غەلبىسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن سوتسىيالىستىك رېئالىزىملىق سوۋېت ئەدەبىياتى نوۋاتورلۇقنىڭ بۈيۈك نەمۇنىسىنى كۆرسەتتى. ماكسىم گوركى نام بىلەن چىڭ باغلانغان سوتسىيالىستىك رېئالىزملىق ئەدەبىيات _ سەنئەت ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئېلىمىزنىڭ يېڭى زامان ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى، لۇشۈن بىلەن گو مورو قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار جۇڭگونىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، نوۋاتورلۇق جەھەتتە نەمۇنىلىك رول ئوينىدى. ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيەت ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ۋە ل. مۇتەللىپ قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ئەسەرلىرىدە نوۋاتورلۇقنىڭ نەمۇنىلىرىنى ياراتقان ئىدى.