UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي زوقلىنىش

ئەدەبىي زوقلىنىش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى كىشىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا بەدىئىي ئوبرازلارنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلارنى چۈشىندۇ ۋە باھا بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېستېتىك لەززەت ئالىدۇ، ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنىڭ جەريانى بىلەن تونۇشىدۇ. ئەدەبىي زوقلىنىش ئەدەبىياتنىڭ ئەمەلىيەتلىك پائالىيىتىدىكى ئالاھىدە ھالەت بولۇپ، كونكرېت بەدىئىي ئوبرازدىن باشتىن ئاخىر ئايرىلمايدىغان تونۇش پائالىيىتى ۋە بەدىئىي چۈشەنچىدىن ئىبارەت. كىشىلەر ئەدەبىي زوقلىنىش داۋامىدا تەپەككۇر پائالىيىتى ۋە ھېسسىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، بۇ، بەدىئىي ئوبرازدىن كونكرېت تەسىرلىنىشنى چىقىش قىلىپ ھېسسىي باسقۇچتىن ئەقلىي باسقۇچقا ئۆتۈش، يەنى بەدىئىي ئوبرازنىڭ چەكلىمىسىنىمۇ قوبۇل قىلىش، شۇنداقلا زوقلانغۇچىنىڭ ئۆز سىنىپىي مەيدانى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، بەدىئىي نۇقتىئنەزىرى ۋە بەدىئىي ھەۋىسىگە ئاساسەن ئوبرازلارنى تولۇقلاش ۋە بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئوخشاش بىر سىنىپتىكى كىشىلەردىمۇ تۇرمۇش تەجرىبىسى، بەدىئىي تەربىيىلىنىشى ۋە بەدىئىي قوبۇل قىىش قابىلىيىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلىدىن ئەدەبىي زوقلىنىشمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئەدەبىي زوقلىنىش بەدىئىي لەززەتلىنىش بىلەن ئىدىيۋى تەربىيلىنىشنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، ئېستېتىك لەزەتتىن ئايرىلغاندا زوقلىنىش بارلىققا كەلمەيدۇ، زوقلىنىشتىن ئايرىلغاندا ئەدەبىي ئەسەر ئىجتىمائىي رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات